ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سوئال: سىلەرنىڭ «ئايال كىشى ھەيىزدار ھالىتىدە روزا تۇتسا بولىدۇ» دەپ بەرگەن پەتىۋايىڭلارنى تۆۋەندىكى ھەدىسلەرگە زىت دەپ ئويلۇدۇم! مەن خاتالىشىپ قالدىممۇ؟ ياكى چۈشىنەلمەي قالدىممۇ؟ ۋە ياكى سىلەر خاتالىشىپ قالدىڭلارمۇ؟
ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار!
1- «أَجْمَعَ أَهْلُ الْعِلْمِ عَلَى أَنَّ الْحَائِضَ وَالنُّفَسَاءَ لا يَحِلُّ لَهُمَا الصَّوْمُ , وَأَنَّهُمَا يُفْطِرَانِ رَمَضَانَ , وَيَقْضِيَانِ , وَأَنَّهُمَا إذَا صَامَتَا لَمْ يُجْزِئْهُمَا الصَّوْمُ ,
2- وَقَدْ قَالَتْ عَائِشَةُ : ( كُنَّا نَحِيضُ عَلَى عَهْدِ رَسُولِ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم فَنُؤْمَرُ بِقَضَاءِ الصَّوْمِ , وَلا نُؤْمَرُ بِقَضَاءِ الصَّلاةِ ) . مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ.»
3- «وَقَالَ أَبُو سَعِيدٍ : قَالَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم : ( أَلَيْسَ إحْدَاكُنَّ إذَا حَاضَتْ لَمْ تُصَلِّ وَلَمْ تَصُمْ , فَذَلِكَ مِنْ نُقْصَانِ دِينِهَا ) . رَوَاهُ الْبُخَارِيُّ.»
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
1- «أَجْمَعَ أَهْلُ الْعِلْمِ عَلَى أَنَّ الْحَائِضَ وَالنُّفَسَاءَ لا يَحِلُّ لَهُمَا الصَّوْمُ , وَأَنَّهُمَا يُفْطِرَانِ رَمَضَانَ , وَيَقْضِيَانِ , وَأَنَّهُمَا إذَا صَامَتَا لَمْ يُجْزِئْهُمَا الصَّوْمُ,» قېرىندىشىم! سىزنىڭ بۇ نەقىل سۆزىڭىز ھەدىس ئەمەستۇر، ئەرەبچە جۈملىلەردۇر.
بۇ جۈملىلەرنىڭ مەنىلىرى: «ئەھلى ئىلىم ھەيزدار ۋە ناپاسدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ھالال بولمايدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ رامزاندا روزا تۇتمايدىغانلىقىغا، ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردە روزىسىنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىغا پىكىر بىرلىكى بىلەن قارار قىلدى» دېگەن بولىدۇ.
خوش! سىزدىن سوراپ باقاي: دىنىمىزدا ئەھلى ئىلىمگە ھالال- ھارام بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىلگەنمۇ؟
ياكى دىنىمىزدا بىرقانچە ئەھلى ئىلىمنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ ئۆزئارا مەسلەھەتلىشىپ پىكىر بىرلىكى بىلەن ھالال-ھارام بەلگىلەش ھوقۇقى بارمۇ؟
ۋە ياكى دىنىمىزدا ئەھلى ئىلىمگە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاھنىڭ بىر قىسىم ئەمر- پەرمانلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشتىن چەكلەپ، كېيىن قازاسىنى قىلىشقا «ئەمر» قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنمۇ؟
جاۋاب: ياق، ياق، ياق! چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز پەيغەمبىرىمىز ھايات ۋاقتىنىڭ ئۆزىدىلا تامام قىلىنىپ بولغان. ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئۆزى چاغلاپ ھۆكۈم چىقىرىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوق، ئەكسىچە دىنىمىزنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئەينەن يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بار، خالاس!
2- «وَقَدْ قَالَتْ عَائِشَةُ : ( كُنَّا نَحِيضُ عَلَى عَهْدِ رَسُولِ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم فَنُؤْمَرُ بِقَضَاءِ الصَّوْمِ , وَلا نُؤْمَرُ بِقَضَاءِ الصَّلاةِ ) . مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ ».
بۇ، سەھىھ ھەدىستۇر. مەنىسى: «بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدا ھەيز كۆرەتتۇق. بىز ئۇ مەزگىلدە روزا تۇتۇشقا ئەمر قىلىناتتۇق، ناماز ئوقۇشقا ئەمر قىلىنمايتتۇق» دېگەن بولىدۇ.
دىندا ئۆزى چاغلاپ ھارام-ھالال بەلگىلىگەنلەر بۇ ھەدىستىكى «قَضَاءِ» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى «كېيىن قازاسىنى قىلىش» دەپ ئۆزگەرتىشكەن. چۈنكى ئەگەر ئۇلار بۇ ھەدىسقا توغرا مەنا بەرسە ئىدى، ئۇلار دىندا ئۆزى چاغلاپ ھۆكۈم قويۇش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولاتتى.
سىز پۈتكۈل ئەرەبچە لۇغەت كىتابلىرىنىڭ «ق ض ي» بۆلۈمىگە، قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىسلەردە ئۆتكەن قەزا «قَضَاء» مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن پېئىل ۋە ئىسىملارنىڭ مەنالىرىغا دىققەت بىلەن قاراپ چىقىڭ.
3- «أَلَيْسَ إحْدَاكُنَّ إذَا حَاضَتْ لَمْ تُصَلِّ وَلَمْ تَصُمْ , فَذَلِكَ مِنْ نُقْصَانِ دِينِهَا».
بۇ ئۇزۇن بىر ھەدىسنىڭ بىر بۆلۈمى. بۇنىڭ مەنىسى: «ئى ئاياللار! سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ، ئەمەسمۇ؟ مانا بۇ، ئايال كىشىنىڭ دىنىنىڭ كەملىكىدىندۇر» دېگەن بولىدۇ.
بۇ ھەدىس سەنەد ئېتىبارى بىلەن زەئىپتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ سۆزنى قايسى ھېيتتا سۆزلىگەنلىكىنى ئېسىگە ئالالمايدۇ.
بۇ ھەدىس مەنا ئېتىبارى بىلەن قۇرئان كەرىمگە، يۇقىرىدىكى ھەدىسقا، ئەقىلغا، مەنتىققا خىلاپتۇر. قۇرئان كەرىمدە پەقەت ئىككى تۈرلۈك كىشىگىلا رامزان روزىسىنى كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتۇش رۇخسىتى بېرىلگەن. يۇقىرىقى ھەدىستا «بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدا ھەيز كۆرەتتۇق. بىز ئۇ مەزگىلدە روزا تۇتۇشقا ئەمر قىلىناتتۇق، بىز ناماز ئوقۇشقا ئەمر قىلىنمايتتۇق» دېيىلگەن.
بۇ سۆزنىڭ ئەقىل ۋە مەنتىققا خىلاپ ئىكەنلىكىگە كەلسەك، ئەگەر ھەيز كۆرۈۋاتقان ئايالنىڭ روزا تۇتماسلىقى ۋە ناماز ئوقۇماسلىقى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بولىدىغان بولسا، بۇ ئىش «ئايال كىشىنىڭ دىنىنىڭ كەملىكىدىن» ئەمەس، ئەكسىچە «ئايال كىشىنىڭ دىنىنىڭ كامىللىقىدىن» بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئايال ئۇ چاغدا ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ناماز ئوقۇمىدى ۋە روزا تۇتمىدى، ئەمەسمۇ.
ئاللاھ بەندىلىرىنى ئەقلى كامىللار، ئەقلى ناقىسلار دەپ ئايرىمىغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەدىس ھالال، ھارام بەلگىلەشتە دەلىل بولالمايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بەرگەن جاۋابىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولسۇن!
مەن مەزكۇر سۇئالنى، باشقا كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلار تورى توغرۇلۇق توردا تارقاتقان ئىغىۋالىرىنىڭ راسىت-يالغانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سورىغانتىم.
شۇنداق، نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز مەزكۇر ئىغىۋالارغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ ئەمما ئىغىۋا تارقاتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئىلىمنىڭ كەملىكى سەۋەپ بىر نەرسە دىيەلمەيۋاتىدۇ.
مۇشۇنداق كىشىلەر ئاسانلا خاتا چۈشىنىۋالىدىغان مەسىلىلەرنى سورالغان پەتىۋاغا جاۋاپ بەرگىنىڭىلاردىن كىيىن، شۇ ئىختىلاپنىڭ ئۆزىنى ئىختىلاپقا قارشى ئۆزۈڭلارنىڭ دەلىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قويغان بولساڭلار !
ياكى مەخسۇس بىر ئىختىلاپى مەسىلىلەرگە جاۋاپ دەپ بىر سەھىپە ئاچساڭلار! بۇنىڭدىن كۈتىدىغىنىمىز، ساددا قىرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇ ئىغىۋالار ئىچىدە قايمۇقۇپ قالماسلىقى ۋە ئومۇمەن مۇسۇلمانلار تورىدەك بىر ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قۇرۇلغان تور بىكەتنى خاتا چۈشىنىۋالماسلىقى ۋە داۋاملىق سىلەردىن تەلىم ئىلىشى ئۈچۈندۇر.
خۇسۇسەن مەن سىزدىن سورىغان سۇئال ۋە جاۋابىڭىز ئاشۇنداق ئىغىۋالارغا قارشى ياخشى دەلىل بولالايدۇ، شۇ مۇشۇنداق سۇئال جاۋاپلارنىىڭ بىر قىسمىنى ئېلخەت ئادرېسىلىرىمىزغا ئەۋەتىپ بىزنىلا خەۋەردار قىلماستىن باشقا مۇشۇنداق بىزگە ئوخشاش ئىلىمىنىڭ كەملىكىدىن چۈشىنەلمەيۋاتقان ۋە خاتا چۈشىنىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىمۇ تور بىتىڭلارنىڭ مەلۇم سەھىپىسىگە چىقىرىش ئارقىلىق خەۋەردار قىلساڭلار !!!
ئاللا سىلەردىن رازى بولسۇن، تېنىڭلارنى سالامەت قىلسۇن، ئىشلىرىڭلارنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن!! پىتنە ئىغۋالاردىن ساقلىسۇن!
سىزنىڭ ياكى سىلەرنىڭ كىملىكىڭلارنى بىلمەيمەن، لىكىن سىزنى ياكى سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن !!!!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! ئىككى تۈرلۈك ئىسلام ۋە ئىككى تۈرلۈك مۇسۇلمان بار؛ بىرى ئاللاھ نازىل قىلغان ۋە پەيغەمبەر يەتكۈزگەن، ئەڭ ئاخىرقى ئايەتنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن تاماملانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىسلام. بۇ ئىسلام پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن ئىلگىرى تاماملىنىپ ۋە مۇكەممەل قىلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىسلامدا كەمچىلىك يوق، چالا قالغان بىرەر مەسىلىمۇ يوق. بۇ ئىسلام قىيامەتكىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بىرىنچى تۈرلۈك مۇسۇلمان مانا مۇشۇ ئىسلامغا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىدۇر. بۇنداق مۇسۇلمان قۇرئان كەرىمدە ھەر نەرسىنىڭ بايان قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىننى تولۇق يەتكۈزگەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا «ئىسلام» دېيىلسە، ئۇنىڭ ئەقلىگە ئەنە شۇ ئىسلام كېلىدۇ.
ئىككىنچى تۈرلۈك ئىسلام بولسا، ئىنسانلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇلغان «ئىسلام» دۇر. بۇ «ئىسلام» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىنسانلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئويدۇرما ئىسلامدۇر. بۇ ئىسلامدا ھالال، ھارام، پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، مۇستەھەب… لەر «ئۇلۇغلار»، «كاتتا زاتلار» ۋە «چوڭ ئۆلىمالار» تەرەىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قۇرئان -ھەدىستا ئاساسى يوق ھالال-ھاراملار، قۇرئان-ھەدىستا ئاساسى يوق ئىبادەت شەكىللىرى مانا مۇشۇ ئويدۇرما «ئىسلام» نىڭ ئەمر-پەرمانلىرىدۇر.
بۇ ئويدۇرما ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئۆز ئىسلامىنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇن تاماملىنىپ بولغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە ھەر نەرسىنىڭ بايان قىلىنغانلىقى ئىنكار قىلىدۇ. بۇلار قۇرئان كەرىمنى ساۋاب تېپىش ئۈچۈن، ھەدىسلەرنى بەرىكەت تېپىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ يامان كۆزقارىشى شۇكى، ئۇلار «قۇرئان-ھەدىستىن ھۆكۈم ئېلىشقا بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ.
بۇ ئىككى ئىسلامنىڭ ئېتىقادچىلىرىنىڭ پەرقى تۆۋەندىچە:
1- ئاللاھ نازىل قىلغان ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى دىنى بىر مەسىلە توغرىسىدا: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇنداق دېگەن» دەيدۇ. ئويدۇرما ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى: «پالالنى زات مۇنداق دەپتىكەن، پۇستانى ئۆلىما مۇنداق قىپتىكەن» دەيدۇ.
2- ئاللاھ نازىل قىلغان ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى قۇرئان-ھەدىسنى بىرلىكتە ئاساس قىلىدۇ ۋە مەسىلىنىڭ قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئويدۇرما ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئەمەۋىي ۋە ئابباسىي سۇلتانلىرىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى بىلەن يېزىلغان كىتابلارغا (قۇرئان-ھەدىسكە زىت كەلسىمۇ) «چىڭ ئېسىلىۋالىدۇ».
3- ئاللاھ نازىل قىلغان ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزۈپ، ئىنسانلارنى ئاللاھقا بەندە، پەيغەمبەرگە ئۈممەت بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئويدۇرما ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى تارىخ بويىچە دىنغا ئۆزى چاغلىشىپ شەكىل بېرىشكەن «ئۇلۇغ زاتلار» نىڭ كۆزقاراشلىرىنى «تەبلىغ» قىلىشىپ ئىنسانلارنى شەيتانغا بەندە، شۇ ئۇلۇغ زاتلارغا مۇرىت بولۇشقا چاقىرىدۇ.
خۇلاسە
قېرىندىشىم! بىز ئاللاھ تەئالانىڭ بەندىسى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى. ھېسابنى ئاللاھقا بېرىمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىگە، جەمئىيەتتىكى ئورۇنلىرىغا تايىنىپ بىزنىڭ ھەققىمىزدە قانچىلىك پىتنە-پاسات تارقاتسا تارقاتسۇن، بىز يولىمىزغا مېڭىۋىرىمىز. ئۇلار قاۋاپ تۇرۇۋېرىدۇ. بىزنىڭ پەرقىمىز مانا مۇشۇ يەردە. چۈنكى «تورپاقنى ئۈستى دەپ ئۈسكىلى بولمايدۇ». تورپاقنى سېمىرىپ كېسىمىگە يەتكەندە ئىگىسى ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تورپاقتىن ئەزىيەت كۆرگەنلەر راھەت نەپەس ئالىدۇ.