يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
باش بەت > ئەخلاق > ماقالىلەر تارىخ: 29.12.2009 يازدۇرغىن

 يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
قېرىنداشلار! كېچە -كۈندۈز بىر–بىرىنى قوغلىشىپ توختىماي ئۆتۈۋاتىدۇ، ئايلار، يىللار ئار-ئارقىدىن  كېلىۋاتىدۇ. ھەر كۈن، ھەر ئاي ۋە ھەر يىل ئۆتۈپ كەتكىنىنىڭ ئەينىسى بولماستىن بەلكى  يېڭىسى بولغاچقا ئۆمرىمىزمۇ كۈنلەر، ئايلار، ۋە يىللار ئۆتكەنسېرى قىسقىرىۋاتىدۇ، يەنى بىز ھەر كۈنى ئۆلۈمگە بىرئاز يېقىنلىشىۋاتىمىز.
ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ غەپلەت ئىچىدە يۈرۈۋاتىمىز. دۇنيادا قانچىلىك ياشىساق ياشايلى ھامان بىر كۈن ئۆلۈپ كېتىش ئەقلىمىزگە كەلمەيۋاتىدۇ. ئەبەدىي ھاياتنىڭ ئالدىدا سان بىلەن ئىپادىلەنگەن ھاياتنىڭ «نول بىلەن تەڭ» ئىكەنلىكىنى ھېچ ئويلىمايۋاتىمىز. بۇ دۇنياغا كېلىشتىكى ئەسلى ۋەزىپىمىزنىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈش ئىكەنلىكى ئېسىمىزگە كەلمەيۋاتىدۇ.
ھەر بىر كۈننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆمرىمىزدىن بىر ياپراق كېمىيىۋاتىدۇ. دېمەك، ئۆتۈپ كەتكەن ھەر كۈن ئۆمرىمىزنى قىسقارتىپ، بىزنى ئۆلۈمگە يېقىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن بىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز كۈن ئۆتكەنسېرى ئۇزىرىۋاتىدۇ. ئەجىلىمىز بىزگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ، بىز دۇنيانىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈۋاتىمىز. مۇسۇلمانلىقىمىز بىزنى گۇناھلاردىن توسالمايۋاتىدۇ.
ئازغا قانائەت قىلمايۋاتىمىز، كۆپكە رازى بولمايۋاتىمىز. كۆڭلىمىزدىكىنى قولغا كەلتۈرەلمىسەك، ئاچچىق تۇتۇۋېلىپ ئۆزىمىزنى باسالمىغان. كۆڭلىمىزدىكىنى قولغا كەلتۈرەلىسەك، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىشنى ئۇنتۇپ، «ئەقىلىم جايىدا، تەلىيىم ئوڭ، پىكرىم ئۆتكۈر، ئىشىم توغرا، تەجرىبەم كۆپ، بىلىمىم يېتەرلىك، ئىرادەم كۈچلۈك. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم» دەپ ئۇ نېمەتنى ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ئۇنتۇغان. ھالىمىز مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت!
قېرىنداشلار!  مانا ھازىر بىر يىل ئۆتۈپ، يەنە بىر يىل كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ بىر يىل ئىچىدە قىلغان ھەر ھەرىكىتىمىز، سۆزلىگەن ھەر سۆزىمىز بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا پەرىشتىلەر تەرىپىدىن يېزىلدى. پەرىشتىلەرنىڭ يازغانلىرى بىز قىلغانلاردىن ۋە بىز سۆزلىگەنلەردىنلا ئىبارەت.
قېرىنداشلار! بۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئاز دېگەندە يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ، كامار كۆزلىرىمىزنى يۇمۇپ، ئەقىل كۆزلىرىمىزنى ئېچىپ بۇ بىر يىلدا ئەمەل دەپتىرىمىزگە نېمىلەر يېزىلدى، بۇنىڭغا بىر قاراپ چىقىشىمىز كېرەك.
ئەگەر ئەمەل دەپتەرلىرىمىزدە ياخشىلىق كۆرسەك، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشىمىز، ناۋادا ئەمەل دەپتەرلىرىمىزدە يامانلىق كۆرسەك تەۋبە – ئىستىغپار قىلىشىمىز لازىم ۋە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى:
ئەمەل دەپتەرلەرگە يېزىلغان يامانلىقلارنى ياخشىلىقلارنى قىلىش بىلەن ئۆچۈرۈش، ھەتتا يامانلىقنى ياخشىلىققا ئايلاندۇررۇش مۇمكىن. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«شۇبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۇشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەتتۇر»- (ھۇد 11/114).
«ئۇلار ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،
قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.
تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار مۇستەسنا؛ ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- (فۇرقان 25/68-70).
بۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن قارىشىمىزغا تېگىشلىك بولغان يەنە بىر ئىش شۇكى:
بۇ بىر يىل ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ۋە يۈز بەرگەن ھادىسىلەردۇر. ھەر ئىنسان ئەقىل كۆزىنى ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەن بۇ بىر يىلنىڭ ئىچىگە بىر قارايدىغان بولسا كۆرىدۇكى:
بۇ بىر يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان بالا تۇغۇلغان، نۇرغۇنلىغان كىشى ئۆلۈپ كەتكەن. نۇرغۇن خار كىشى ئەزىز، نۇرغۇن ئەزىز كىشى خار بولغان. نۇرغۇنلىغان پېقىرلەر باي، نۇرغۇنلىغان بايلار پېقىر بولۇپ قالغان. بەزى گادايلار شاھ، بەزى شاھلار گاداي بولۇپ قالغان.
بىر زامانلار ئالدىدا كۆرۈنگەنلەر ئارقىغا، ئارقىدا كۆرۈنگەنلەر ئالدىغا ئۆتكەن. ئىلگىرىكى يىلنىڭ بىر قىسىم پەسلىرى بۇ يىل ئېگىز بولغان، بىر بۆلۈك ئېگىزلىرى پەس بولغان. بۇرۇن يىغلىغان بەزىلەر كۈلگەن، بەزى كۈلگەنلەر يىغلىغان. دېمەك، ئىبرەت ئالىدىغانلار ئۈچۈن زاماننىڭ ھادىسىلىرى ناھايىتى كۆپ.
ئەتراپىدا كۆرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ، ھەر ئان ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىش ئېھتىمالى بولغانلىقىنى بىلگەن بىر ئىنساننىڭ، ئىلكىدىكى نېمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتماي كۆن ئۆتكۈزۈشى ھەقىقەتەن نادانلىقتۇر، راستىنلا ئەقىلسىزلىكتۇر. باشقىسىنىڭ ئۆلۈمىنى كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر ئىنساننىڭ ئۆلۈمگە تاييارلىق قىلماسلىقى ناھايىتى غاپىللىقتۇر.
دۇنيا ھاياتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك بىر ھايات ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ، ئۆلگەندىن كېيىن ئائىلە-تاۋابىئاتىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى قويۇپ ئۆزى قارا تۇپراقنىڭ ئاستىغا يالغۇز كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، قىيامەت كۈنى بۇ دۇنيادىكى ھەر ھەرىكىتى ۋە ھەر سۆزىنىڭ ھېسابىنى بىر-بىرلەپ بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، قالغان ئۆمرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىغان كىشى ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئادەمدۇر.
بۇنداق ئادەم ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنىدۇ، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرىدۇ، دۇنيا ھاياتىنى «غايە» قىلماي جەننەت ھاياتىغا «ۋاسىتە» قىلىدۇ. ئىلكىدىكى ھەر نەرسىسى بىلەن مەسىلەن: ئىلىم-بىلىم، مال-مۈلۈك، يۈز-ئابرۇي ۋە تەن سەلامەتلىكى… قاتارلىق نەرسىلىرى بىلەن ئاللاھ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
بۇنداق ئادەم قىلىدىغان ۋە قىلمايدىغان ھەر ئىشىدا ئاللاھ رىزاسىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا بولسۇن، يالغۇز بىر جايدا بولسۇن، ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە بىلىپ تۇرىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن بولىدۇ. ياخشىلىق قىلسا سۆيۈنىدۇ، نادانلىقتىن يامانلىق قىلىپ سالسا دەرھال تەۋبە قىلىپ، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىدۇ.
قېرىنداشلار! بۇ دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئېكىنزارلىقىدۇر. كىم بۇ دۇنيادا نېمە تېرىسا ئاخىرەتتە شۇنى ئورىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرىتىمىزدە ياخشى ئىشلاردىن مول ھۇسۇل ئالايلى دېسەك، بۇ ھاياتتا ياخشى ئىشلارنى تېرىشقا ۋە ئۇلارنى پەرۋىش قىلىشقا تىرىشايلى. قىسقىغىنا مۇددەتلىك راھەت بىزنى ئەبەدىي ئازابقا ئېلىپ بارمىسۇن. ئاللاھ بىزدىن ھېساب ئېلىشتىن بۇرۇن بىز ئۆزىمىزدىن بىر ھېساب ئالايلى!
يېڭى يىلغا يېڭى بىر ئىرادە بىلەن كىرەيلى. ئىنشائاللاھ بۇ يىلدا نەپسىمىزگە ئالدانمايلى، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەيلى. ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئىش قىلايلى. ھەۋەسكە ئەمەس، ھىدايەتكە ئاساسلىنايلى. خۇراپاتتىن قاچايلى، قۇرئانغا قايتايلى. بىدئەتنى تاشلايلى، سۈننەتكە يېپىشايلى.
يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
14.425 قېتىم ئوقۇلدى