سۈلەيمانىيە ۋاقفى
باش بەت > باشقىلار تارىخ: 11.09.2009 Tavsiye Et يازدۇرغىن

 دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى

«فىترەت» نىڭ مەنىسى «تەبىئەت قانۇنلىرى» دېگەن بولۇپ، تەبىئەتتىكى ھەر نەرسىنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشى ئۇ قانۇنلار بويىچە بولىدۇ.
دىن ئەقىل ئىگىلىرىنى، پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىدىغان، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن، بىر-بىرلىرى بىلەن ۋە باشقا مەخلۇقاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدىغان ئىلاھى قانۇندۇر.
قۇرئان كەرىمدە ئۇ قانۇنلاردىن ۋە ئۇ قانۇنلار بويىچە يارىتىلغان مەخلۇقاتلاردىن ھەر بىرى بىرەر ئايەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەر بىلەن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئارىسىدا تولۇق بىر پۈتۈنلۈك بار. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«سەن بۇ توغرا دىنغا، ئاللاھنىڭ فىترىتىگە يۈزلەنگىن. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇ فىترەت بويىچە ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ، توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- (رۇم 30/30).
بۇ ئايەتكە ئاساسەن دىن بىلەن فىترەت بىردۇر، يەنى دىننىڭ قانۇنلىرى بىلەن تەبىئەت قانۇنلىرى ئوخشاشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە فىترەت تولا تەكىتلەنگەن ۋە قۇرئان كەرىمدىكى مىساللارنىڭ تامامى شۇ فىترەت بويىچە يارىتىلغان نەرسىلەردىن ئېلىنغان.
تەبىئەتتىكى ھەر نەرسىنىڭ، ئۆز ئىچىدە ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بىر سىستېما بار. بۇنى ھەر ئىنسان ئۆز بىلىمى ۋە تەجرىبىسى بىلەن بىلىدۇ. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قۇرئان كەرىمدىكى ھەر بىر دىنى ھۆكۈمنىڭ، ئۆز ئىچىدىمۇ ۋە باشقا ھۆكۈملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىمۇ بىر سىستېما بار. بۇ يەردىكى سىستېما بىلەن تەبىئەتتىكى سىستېما بىر-بىرى بىلەن تولۇق ماسلىشىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، قۇرئان كەرىمدىكى مىساللار تەبىئەتتىن ئېلىنمىغان بولاتتى.
بىزچە زامانىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى دىن-بىلىم مۇناسىۋىتىدىدۇر. ھالبۇكى دىننىڭ مەنبەسى قۇرئان كەرىمدۇر، بىلىمنىڭ مەنبەسى تەبىئەتتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلغۇچىسى بىلەن تەبىئەت قانۇنلىرىنىڭ بېكىتكۈچىسى بىر زاتتۇر، يەنى ئاللاھدۇر. ئۇنداقتا دىن بىلەن بىلىم ئوتتۇرىسىدا بىر زىتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن دىن بىلەن بىلىم ئارىسىدا تولۇق بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىلىپ، ئىش قىلىنسا ئىنسانىيەتكە ناھايىتى چوڭ خىزمەت قىلىنغان بولىدۇ.
ۋەخپىمىزنىڭ، خىزمەتلىرى بىلەن بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز. تەتقىقاتلىرىمىزنى «دىن ۋە فىترەت تەتقىقاتلىرى مەركىزى» نامى بىلەن يۈرگۈزىشىمىزنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر.
سۈلەيمانىيە ۋاقفى
2.376 قېتىم ئوقۇلدى
كاتېگورىيدىكى باشقا تېمىلار