باش بەت > ئىبادەتلەر > روزا ۋە ھېيت  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

1- ھۆكمى

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

«ﺋﻰﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻭﺯﺍ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ»- (بەقەرە 2/183).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئىسلام بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇ بولسا ئاللاھ تەئالادىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىشتىن، پەرز نامازلارنى ئادا قىلىشتىن، زاكات بېرىشتىن، ھەج قىلىشتىن، رامزان روزىسىنى تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

2- پەزىلىتى

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

«ﺋﯘ ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ رامزان ﺋﯧﻴﯩﺪﯗﺭ. رامزان ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﯞﻩﮬﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﺎﺯﯨﻞﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ…»- (بەقەرە 2/185).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«روزا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل-ماجرا تۇغدۇرۇپ چوقان كۆتۈرمىسۇن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسا ‹مەن روزىدارمەن› دېسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزىدار ئادەمنىڭ ئاغزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تەئالانىڭ دەرگاھىدا ئىپارنىڭ بۇيىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر. روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈك خۇشاللىق بولىدۇ. بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغان چاغدا؛ روزا تۇتقانلىق سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىغان نازۇنېئمەتلەردىن خۇشال بولىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

3- ماھىيىتى

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

«ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ بىر يەردە بولۇش ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ كىيىمدۇر، ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻴﯩﻤﺴﯩﻠﻪﺭ. ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ، ﻧﻪﭘﺴﯩﯖﻼﺭﻧﻰﻳﯧﯖﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﯞﺑﻪﯕﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺩﻩﺑﻮﻟﯘﭖ، ئاللاھنىڭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ. ﺗﺎﯕﻨﯩﯔ ئاق سىزىقىنى ﻗﺎﺭا سىزىقىدىن ﺋﯧﻨﯩﻖ ئايرىغىنىڭلارغا ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﯩﯖﻼﺭ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺭﻭﺯﯨﻨﻰﻛﯧﭽﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯕﻼﺭ…»- ( ﺑﻪﻗﻪﺭﻩ 2/187).

بۇ ئايەتكە ئاساسەن تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇشتىن ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇش روزا تۇتقانلىق بولىدۇ. 

4- ۋاقتى

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

«…سىلەردىن كىم بۇ ئايغا يېتىشسە، ئۇنى روزى بىلەن ئۆتكۈزسۇن…»- (بەقەرە 2/185).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاي كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ قالسا شەئبان ئېيىنى 30 كۈنگە توشقۇزۇڭلار»- ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

«رامزان كىرىشتىن ئاۋۋال روزا تۇتماڭلار، ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ئەگەر ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ يېڭى ئاينى كۆرگىلى بولمىسا، شەئبان ئېيىنى 30 قىلىڭلار»- (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

5- نىيىتى

روزا تۇتۇش نىيىتى بىلەن كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىن باشلاپ تاڭ يورۇغىچە بولغان ئارلىقتا بىر نەرسە يەپ-ئىچىشكە زولۇق يېيىش دېيىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا روزا تۇتۇش نىيىتى بىلەن ئورنۇمىزدىن تۇرۇپ، روزا تۇتۇش نىيىتى بىلەن بىر نەرسە يەپ-ئىچكەنلىكىمىزنىڭ ئۆزى ھەم زولۇق يېگەنلىكىمىز ھەم روزىغا نىيەت قىلغانلىقىمىز بولىدۇ.

بۇنىڭ باشقا بىر نىيىتى يوق. شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى، نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر، تىل ئەمەستۇر. زولۇققا قوپالمىغانلارنىڭ ئويغانغاندا شۇ كۈنى روزا تۇتۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈشى لازىم. مانا بۇ، ئۇلارنىڭ نىيەت قىلغانلىقى بولىدۇ.

6- تۇتماسلىققا رۇخسەت بېرىلگەنلەر

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

«…ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺗﺴﯘﻥ. ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر…»- (بەقەرە 2/185).

ئايەتتىكى «ساننى تولۇقلىغايسىلەر» نىڭ مەنىسى «رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان، لېكىن سىلەر سەپەر ياكى كېسەللىك مۇناسىۋىتى بىلەن رۇخسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ ئايدىن روزا تۇتمىغان كۈنلىرىڭلارنىڭ ئورنىغا سەپەردىن قايتقاندىن كېيىن ياكى كېسەلدىن ساقايغاندىن كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان كۈنلەرنىڭ سانىنى تولۇقلىغايسىلەر» دېگەن بولىدۇ.

7- روزىنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان نەرسىلەر

ئا- قەستەن يېيىش.

ئە- قەستەن ئىچىش.

ب- قەستەن جاما قىلىش.

بۇ ئۈچ ئىشنىڭ بىرى بىلەن روزىسىنى سۇندۇرۋاتقانلارنىڭ تەۋبە-ئىستىغپار قىلىشى كېرەك.

پ- بۇرۇن، كۆز، قۇلاق ۋە تەرەت يوللىرى قاتارلىق يەرلەرگە دورا تېمىتىش ئارقىلىق قۇرساققا سۇيۇقلۇق بىر نەرسىنىڭ يېتىپ بېرىشى.

ت- ئېغىز-بۇرۇننى چايقاش جەريانىدا گالدىن سۇ ئۆتۈپ كېتىشى.

ج- جامانىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابلىنىغان ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلىش بىلەن ياكى شەھۋانىي خىياللار بىلەن مەنى چىقىپ كېتىشى.

چ- قەستەن قەي قىلىش.

خ- روزىنى سۇندۇرۇۋىتىدىغان ئىشلارنىڭ بىرىنى مەجبۇرلىنىش ئاستىدا قىلىش.

د- تېخى تاڭ ئاتمىدى دەپ ئويلاپ يەپ-ئىچكەندىن كىيىن تاڭ ئاتقانلىقىنىڭ ئاشكارا بولۇشى.

ر- ئېسىدە يوق يەپ  سېلىپ ياكى ئىچىپ سېلىپ، ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن روزىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەي يەپ-ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇش.

يۇقارقى يەتتە خىل ئىشلارنىڭ بىرى سادىر بولسا بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇش كېرەك.

8- روزىدار ئادەم قىلسا ياكى قىلىپ سالسا بولىدىغان (يەنى روزىسىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان) ئىشلار:

ئا- يۇيۇنۇش.

ئە- چىشلىرىنى چوتكىلاش.

ب- روزىنى سۇندۇرىدىغان ئىشلارنى كېچىدە قىلىش.

پ- سەپەرگە چىقىش (بۇ يەردە سەپەرگە چىقسام روزا تۇتالمايدىكەنمەن دەپ سەپەرگە چىقماسلىقنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوقلىقى، سەپەرگە روزا تۇتالماسلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چىقىشنىڭ ھېچقانداق گۇناھ ئەمەسلىكى نەزەردە تۇتۇلىدۇ).

ت- قورساقنىڭ ئىچىگە يېتىپ قالماسلىق شەرتى بىلەن ھەرقانداق دورا بىلەن داۋالىنىش ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن ئۇكۇل سالدۇرۇش.

ج- چارىسىز قالغاندا كىچىك بالىلارغا تاماق چايناپ يېگۈزۈش. (چاينىغۇچىنىڭ گېلىدىن بىر نەرسە ئۆتۈپ كەتمەسلىكى شەرتتۇر).

چ- خۇشپۇراق نەرسە ئېستىمال قىلىش شۇنداقلا پۇراش.

خ- تۈكرۈكىنى يۇتۇش. (تۈكرۈك ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئوخشاشتۇر)

د- ئىختىيارسىز ھالدا قەي قىلىش، قۇسۇش.

ر- ئىختىياسىز ھالدا پاشا، چىۋىن ۋە كۇمۇتا قاتارلىق ھاشاراتلارنى يۇتۇپ سېلىش.

ز- چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك ۋە ھور قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئېغىزىدىن ياكى بۇرنىدىن ئىچىگە كىرىپ كېتىشى.

ژ- ئېھتىلام بولۇپ (شەيتان ئاتلاپ) قېلىش.

س- ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ-ئىچىش.

9- قىلىش ياخشى بولمايدىغان ئىشلار

ئا- ئېغىز-بۇرنىنى كۈچەپ چايقاش.

ئە- شەھۋانىي خىياللاردا بولۇش.

ب- جامانىڭ مۇقەدىمىسى ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلىش.

پ- تېتىش (تەمىنى ۋە تۇزىنى).

10- روزىنىڭ سۈننەتلىرى

ئا- زولۇق يىيىش (روزا تۇتۇش نىيىتى بىلەن كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا تاڭ يۇرۇشتىن بورۇن يەپ-ئىچىش).

ئە- زولۇقنى كېچىكتۈرۈش (كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا).

ب- ئىپتارغا ئالدىراش (كۈننىڭ كىرىپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىنلا ئىپتار قىلىش).

پ- ئىپتار قىلغاندا دۇئا قىلىش.

11- روزىغا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەر

ئا- ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى بەك كەڭ ئىدى. بولۇپمۇ رامزان ئېيىدا جبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا تېخىمۇ سېخىيلىشىپ كېتەتتى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رامزاندا ھەر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم» دىن تەلىم بېرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقان چاغلاردا خەيرلىك ئىشلاردا يامغۇرلۇق بۇلۇتنى ئېلىپ كەلگەن شامالدىنمۇ تېز ۋە ئومۇمىي ئىدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئە- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى كىرسە، كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئائىلىسىنى ئويغىتاتتى. ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بىلىنى چىڭ باغلايتتى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

12- روزىنى تەلەپكە لايىق تۇتمىغانلارغا ساۋاپ يوق.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«كىمكى روزىدار تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە ئاللاھ تەئالا موھتاج ئەمەس»- (بۇخارى رىۋايەت قىلغان ).

13– ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ-ئىچىپ سالغانلارغا جازا يوق

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«روزىدار ئادەم ئېسىدە يوق بىر نەرسە يەپ سالسا ياكى بىر نەرسە ئىچىپ سالسا، روزىنى بۇزماي تۇتۇۋەرسۇن. چۈنكى، ئۇنى ئاللاھ تەئالا يېگۈزگەن ۋە ئاللاھ تەئالا ئىچكۈزگەن بولىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

14– جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالسا بىر نەرسە بولمايدۇ

ئا- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە بولۇپ جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالاتتى. بۇ چاغدا غۇسۇل قىلىۋېتىپ روزىسىنى تۇتۇۋېرەتتى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئە- ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپلۇق ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالسا، روزىسىنى تۇتۇۋېرەتتى. جۇنۇپلۇق ئېھتىلام بولغانلىقتىن ئەمەس، ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە بولغانلىقتىن ئىدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

15- تەراۋىھ نامىزى

 رامزان ئېيىدا خۇپتەندىن كېيىن جامائەت بولۇپ ئوقۇلىدىغان نامازغا خەلق ئىچىدە «تەراۋىھ» دېيىلىدۇ. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھازىرقى زاماندىكى شەكىلدە تەراۋىھ ئوقۇغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، رامزان كېچىلىرىدە بولسۇن، باشقا ئاينىڭ كېچىلىرىدە بولسۇن 11 رەكئەتتىن ئارتۇق نەپلە ناماز ئوقۇمىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ. (بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنى بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلىدۇ).

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ، مەيلى رامزان ئېيىنىڭ كېچىلىرى بولسۇن، مەيلى باشقا ئايلارنىڭ كېچىلىرى بولسۇن كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ۋىتىر بىلەن قوشۇپ 11 رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشى ئىنتايىن ياخشى ئىشتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ھەدىسلىرىدە نەپلە نامازنى نەپلە نامازغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقى ۋە خۇپتەندىن كېيىنكى ۋاقىتنىڭ نەپلە ناماز ئوقۇغىلى بولىدىغان ۋاقىت ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇپتەندىن كېيىن جامائەت بولۇپ نەپلە ناماز (باشقىلار بۇنى تەراۋىھ دەپ ئاتايدۇ) ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، بۇ نامازنى ئوقۇغانلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ. مۇھىم بولغىنى روزىنى جايىدا تۇتۇپ، پەرز نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشتۇر.

بۇ توغرىدا ھەدىس كىتابلىرىدا كەلگەن مەلۇماتلارغا قارايدىغان بولساق مۇنداق خۇلاسە چىقىدۇ:

ئا- ئۇ نامازنى يەنى رامزان كېچىلىرىدە ۋە باشقا كېچىلەردە ئوقۇلىدىغان نەپلە نامازنى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشتىن، ۋىتىر بىلەن قوشۇپ 11 رەكئەت ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغىنى ۋىتىر بىلەن قوشۇپ 11 رەكئەتتۇر.

ئە- ئۇ نامازنى كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدە ئوقۇشتىن، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى سەھىھ بۇخارىدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «ئۇ نامازنى كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدە ئوقۇغاندىن كېىچنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئوقۇغان ئەۋزەلدۇر» دېگەن مەزمۇندا بىر سۆزى رىۋايەت قىلىنىدۇ. (بۇخارى، تەراۋىھ 1، ھەدىس نومۇرى: 2010).

ئە- ئۇ نامازنى مەسچىت-جامەلەردە جامائەت بولۇپ ئوقۇشتىن، ئۆيدە يالغۇز ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىشىنىڭ، پەرز نامىزىدىن باشقا نامىزىنى ئۆيىدە ئوقۇغىنى ئەۋزەل» دېگەن مەزمۇندا ھەدىسى بار. (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

16– ئېتىكاپ

 رامزاندا بولۇپمۇ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرك ئەتمەي قىلغان سۈننىتى بولۇپ قۇرئان كەرىمدىمۇ بۇ ھەقتە ئىشارەت بار. شۇڭا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمكانقەدەر بۇ سۈننەتنى بەجا كەلتۈرشىمىز ناھايىتى ياخشى ئىشتۇر.

(بەقەرە سۈرىسىنىڭ 125- ۋە 187-  ئايەتلىرىدە «ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئىبادىتىگە ئىشارەت قىلىنىدۇ)

ئەسكەرتىش:

بۇ سۈننەت بەش ۋاقىت ناماز ۋە جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامەلەردە ئادا قىلىنىدۇ. مازار-ماشايىخ، قەبرە-گۈمبەز، ئەسكى بىنا، كونا تاملىق… قاتارلىق يەرلەردە «ئېتىكاپ» تا ئولتۇرغۇچىلار ئۆزىنى ئاۋارە قىلىشتىن باشقا ھېچبىر نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەكسىچە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ