ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! سىزگە بۇ توغرىدا، ئىسلام فىقىھ (قانۇنشاناسلىق) ئاكادېمىيىسىنىڭ 1986 – يىلى 10- ئاينىڭ 11 – 16 كۈنلىرى ئارىسىدا (ھىجرىيە 1407 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 8 – 13 كۈنلىرى) ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئەمماندا ئېچىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنىدا قىلىنغان قارارنى ئەينەن ئوقۇپ بېرىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم:
قارار:
1 – تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك يولنىڭ بىرى بىلەن بالىلىق بولۇش قەتئىي ھارامدۇر:
بىرىنچى: بىر ئەر كىشىنىڭ، ئۆز ئۇرۇقى بىلەن باشقا بىر ئايالنىڭ تۇخۇمىنى ئېلىپ ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇشى ھارامدۇر.
ئىككىنچىسى: بىر ئايال كىشىنىڭ، ئۆز تۇخۇمى بىلەن باشقا بىر ئەرنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىپ ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇشى ھارامدۇر.
ئۈچىنچىسى: بىر ئەر – خوتۇننىڭ ئۇرۇق ۋە تۇخۇملىرىنى ئېلىپ ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى باشقا بىر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇش ھارامدۇر.
تۆتىنچىسى: بىر كىشىنىڭ، بىر ئەر كىشىنىڭ ئۇرۇقىنى ۋە بىر ئايال كىشىنىڭ تۇخۇمىنى ئېلىپ ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇشى ھارامدۇر.
بەشىنچىسى: بىر كىشىنىڭ، ئۆز ئۇرۇقىنى ۋە بىر ئايالىنىڭ تۇخۇمى ئېلىپ ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ باشقا بىر ئايالىنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلق بالىلىق بولۇشى ھارامدۇر.
مانا بۇ بەش تۈرلۈك يولنىڭ بىرى بىلەن بالىلىق بولۇش قەتئىي ھارامدۇر.
2 – تۆۋەندىكى ئىككى يولنىڭ بىرى بىلەن بالىلىق بولۇشقا بولىدۇ:
بىرىنچىسى: بىر ئەر – خوتۇننىڭ ئۇرۇق ۋە تۇخۇملىرى ئېلىنىپ ئۇرۇقلاندۇرۇلۇپ، ئۇنى شۇ خوتۇننىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇشقا بولىدۇ.
ئىككىنچىسى: بىر ئەرنىڭ ئۇرۇقى ئېلىنىپ ئۇيغۇن بىر ئۇسۇل بىلەن شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ بايىلاتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلىق بولۇشقا بولىدۇ.
ــــــــــــــــــــ
يىغىپ ئېتقاندا ئېرىدىكى ياكى ئۆزىدىكى بىر كەمچىلىك تۈپەيلىدىن نورمال يول بىلەن ھامىلىدار بولۇشى مۇمكىن بولمىغان ئايال:
ئۇرۇقلىنىدىغان ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ، ھەر ئىككىسىنىڭ نىكاھلىق ئەر – خوتۇنغا ئائىت بولۇشى،
ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ، شۇ تۇخۇمنىڭ ئىگىسى بولغان ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا يەرلەشتۈرۈلۈشى ۋە شۇ بالىياتقۇدا يۇغىناپ، شۇ بالىياتقۇدىن تۇغۇلۇشى
شەرتى بىلەن ھامىلىدار بولۇپ بالىلىق بولسا بولىدۇ. بۇنىڭ دىنىمىزگە خىلاپ كېلىدىغان بىر تەرىپى يوقتۇر.
خۇلاسە
يولدىشىڭىزنىڭ ئۇرۇقىنى ئىلىپ ياخشى ئۇرۇقلارنى تاللىۋىلىپ سىزنىڭ بالياتقۇڭىزغا شىپىرىس ئارقىلىق كىرگۇزۇپ ھامىلدار قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھامىلىدار بولسىڭىز ۋە بۇ ئارقىلىق بالا يۈزى كۆرسەڭلار بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىسلام دىنىمىز يول قويىدۇ.