دادىسى ھارامدىن تاپقان پۇلنى بالىسى مىراس ئالسا بولامدۇ؟
باش بەت > مىراس > پەتىۋالار تارىخ: 28.07.2009 Tavsiye Et يازدۇرغىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،موھتىرەم ئۇستازلار ئاللا سىلەرگە رەخمەت قىلسۇن.توۋەندىكى سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار. 1ـسۇئال:بىر ئاتاـ ھارامدىن توپلىغان مال دۇنياسىنى(پەرزەنىتلىرى بۇدۇنيانىڭ ھارامدىن توپلانغانلىقىنى بىلسە)مىراس قالدۇرسا بولامدۇ؟بۇمىراس پەرزەنىتلەرگە دۇرۇس.ھالال بولامدۇ؟ 2ـسۇئال:پەرزەنىتلەر بۇدۇنيانىڭ يەنى مىراسنىڭ ھارامدىن كەلگەن مال دۇنيائىكەنلىگىنى بىلسە،لېكىن بۇلار بۇمىراسقا يەنى بۇمال دۇنياغا ئېھتىياجلىق بولسا، بۇمىراسنى ئۇچاغدا قانداق بولىدۇ؟ 3ـسۇئال:بىر ئاتاـ ھارامدىن توپلىغان مال دۇنياسىنى(پەرزەنىتلىرى بۇدۇنيانىڭ ھارامدىن توپلانغانلىقىنى بىلمىسە)مىراس قالدۇرسا بولامدۇ؟بۇمىراس پەرزەنىتلەرگە دۇرۇس.ھالال بولامدۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

بىر كىشى ئۆلۈپ قالسا، ئۇ كىشىنىڭ مال ـ مۈلكى ۋارىسلىرىغا قالىدۇ. ئۇ كىشى مىراس قالدۇرغان مال ـ مۈلۈكنىڭ، قەيەردىن تېپىلغانلىقىدىن ۋارىسلەر جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.

ۋارىسلەرنىڭ، ئۆزلىرىگە قالدۇرۇلغان مىراسنى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە (نىسا سۈرىسىدە كۆرسىتىلگەن بويىچە) تەقسىم قىلىشىشى كېرەك. بۇ تەقدىردە ۋارىسلەر گۇناھكار بولمايدۇ. ھارامدىن پۇل تاپقاننىڭ ھېسابىنى پۇلنى تاپقان كىشىنىڭ ئۆزىلا بېرىدۇ.

ئەنئام سۈرىسى 164 ـ ئايەت، ئىسرا 15 ـ ئايەت، فاتىر 18 ـ ئايەت، زۇمەر 7 ـ ئايەت ۋە نەجم 38 ـ ۋە 39 ـ ئايەت قاتارلىق ئايەتلەر بىر كىشى قىلغان گۇناھنىڭ تۈپەيلىدىن يەنە بىر كىشىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرىرە ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان چۆرىگە سەدىقە قىلىنغان بىر گۆش توغرۇلۇق: «ئۇ گۆش بەرىرىگە سەدىقىدۇر، بىزگە ھەدىيىدۇر» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ رىۋايەت بۇخارىدا زىكىر قىلىنىدۇ.

بۇ ھەدىس، بىر نەرسنىڭ بىر كىشىنىڭ قولىغا ئۆتكەن چاغدىكى سۈپىتىنىڭ، ئۇ نەرسىنىڭ ئۇ كىشىنىڭ قولىدىن باشقا بىر كىشىنىڭ قولىغا ئۆتكەن چاغدىكى سۈپىتى بىلەن ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بىر كىشى ھارامدىن پۇل ـ مال تېپىپ، ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ پۇل ـ ماللارنىڭ ھاراملىق سۈپىتى، ئۇ پۇل ـ ماللارنىڭ ۋارىسلارغا مىراس يولى بىلەن ئۆتكەن چاغدىكى سۈپىتى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇ پۇل ـ ماللارنى، ئۆلگەن كىشى ھارام يول بىلەن، ۋارىسلەر مىراس يولى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ.

ئەگەر ۋارىسلار ئۇ پۇل ـ ماللارنىڭ ئىچىدە ئوغرىلانغان ياكى بۇلىۋېلىنغان بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلسە ۋە بۇلارنىڭ (ئوغرىلانغان ياكى بۇلانغان ماللارنىڭ) ئەسلى ئىگىلىرىنىمۇ بىلسە، ئۇلارنىڭ بۇ ماللارنى ئەسلى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشى ياخشىدۇر. چۈنكى بۇ، مىراس قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ گۇناھىنى يەڭگىللەشتۈرىدۇ.

يەنە بىر گەپ، ۋارىسلەرنىڭ ئۇ پۇل ـ ماللارنىڭ ھارامدىن كەلگەنلىكىنى بىلىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا، ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ھارامدىن پۇل تېپىشىغا نارازى بولغان بولسا گۇناھكار بولمايدۇ؛ بولمىسا ئۇلار گۇناھ بولىدىغان ئىشقا قارشى تۇرمىغانلىقى ئۈچۈنلا گۇناھكار بولىدۇ. لېكىن ئۇ پۇل ـ ماللار يەنىلا بۇلارغا ھالال بولىدۇ.

12.499 قېتىم ئوقۇلدى