مۇسۇلمانلار

سىلەرنى باشقىلار تىللاۋېتىپتۇ، سىلەر بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بىر قىسىم كىشىلەر بۇ تور بەت نامىنى باشقا تور بېكەتلەردە قاتتىق چەكلەش تۈرىدىكى تەشۋىقاتلارنى يۈرگۈزىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىدىن مەن قاتتىق ھەيران قالدىم، ھەم بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم!
ئۇلار …..  تورىدا يازما يوللاپ، بۇ توردىكى پەتىۋالارغا رەدىيە بېرىپتۇ. مېنىڭ ئۇلارنى بىر باشتىن ئوقۇشقا ۋە تەھلىل قىلىشقا ۋاقتىم ۋە بىلىمىم يىتەرلىك ئەمەس. شۇڭا باشقا تور بەتتىكى تەشۋىق قىلغان بىر قىسىم سۆزلەرنىلام كۆردۈم.
شۇنىڭدىن بىر مەسىلىنى سىلەردىن سوراپ باققىم كەلدى. ئۇلار «ھەدىسنى ئىنكار قىلىپ سۈننەتكە قارشى چىقىپ قۇرئاننى ئۆز رايى بويىنچە مەنا بىرىپ خاتا پەتىۋالارنى پىىچىپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن» دەپ تەشۋىق قىلىپتۇ.
سىلەر راسلا ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ ھەدىس دېگىنىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ قىممەتلىك سۆزلىرى تۇرسا، ئۇنى ئىنكار قىلىشقا قانداقمۇ يول بولسۇن؟ پىكرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق. مېنىڭ بۇ يەردە سىلەر بىلەن تىركىشىش نىيىتىم يوق، بەلكى سىلەرنىڭ قارىشىڭلارنى بىلىپ باققىم كەلدى. مەنمۇ بىر ئۈگەنگۈچى، موللا ئەمەس. شۇڭا بىزلەر بىلمەي قالغان يەر بولسا بىلىۋېلىش ئارزۇيۇملا بار، خالاس. جاۋابىڭلارنى كۈتۈمەن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
«بىر قىسىم كىشىلەر بۇ تور بەت نامىنى باشقا توربىكەتلەردە قاتتىق چەكلەش تۈرىدىكى تەشۋىقاتلارنى يۈرگۈزىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىدىن مەن قاتتىق ھەيران قالدىم، ھەم بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم!»
قېرىندىشىم! ھەيران قالغۇدەك ئىش يوق. چۈنكى بۇ دەۋا، ھەق بىلەن باتىلنىڭ، توغرا بىلەن خاتانىڭ، راست بىلەن يالغاننىڭ ئوتتۇرىسىدا تا ھەزرەتى ئادەم زامانىدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن بىر دەۋادۇر.
باتىل، خاتا ۋە يالغان قاتارلىقلارنىڭ تەرەپتارلىرى ئاللاھدىن قورقمىغانلىقى ۋە ئىنسانلاردىن تارتىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئاغزىغا كەلگەننى دەيدۇ، قارشى تەرەپكە بوھتان چاپلايدۇ. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ھەق ئۈستىدىن غالىپ كېلىمىز دەپ خام خىيال قىلىدۇ. لېكىن ھەق تەرەپتارلىرى ئوڭ ـ سولغا بۇرۇلماستىن يولىغا مېڭىۋەرسە، ئۇلارنىڭ زىيىنى ئۆزلىرىگىلا يېتىدۇ.
بىز ئۇنداقلارنى كۆپ كۆرگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى بىز ئۈچۈن يېڭى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۇستازلىرى بىر زامانلار بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىز ھەققىدە «ئۇلار ئەزان ئوقۇسا ئەشھەدۇ ئەننەمۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھدېمەيدۇ» دەپ پىتنە تارقاتقان. ھالبۇكى ئۇ زامانلاردا ئەزان ھەر كۈن بەش قېتىم كانايدا ئوقۇلاتتى.
ئەزان «ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدە رەسۇلۇللاھ» بىلەن بىرلىكتە بىر پۈتۈن ھالەتتە ھەر كۈن بەش قېتىم كانايدا ئوقۇلسىمۇ، ئۇ چالا موللىلارنىڭ يالغان سۆزلىرىگە ئىشىنىدىغان ئىنسانلارمۇ بولغان. ماۋۇ موللاملار ئۇنداق دېگەن بىلەن ئاڭلاپ باقساق ئۇلار ئەزاندا «ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دەيدىكەنغۇ، دېيىشىپ ھەقنى قوبۇل قىلغانلارمۇ بولغان.
بىز بۇلارنى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇنداقلارنىڭ بىزگە قاراپ قاۋاشلىرى بىزنى يولىمىزدىن توسالمايدۇ، ئىرادىمىزنى قىلچە بوشاشتۇرالمايدۇ، ھەقنى يەتكۈزۈشكە بولغان تىرىشچانلىقىمىزنى ئاجىزلىتالمايدۇ.
«ئۇلار ….. تورىدا يازما يوللاپ، بۇ توردىكى پەتىۋالارغا رەدىيە بىرىپتۇ. مېنىڭ ئۇلارنى بىر باشتىن ئوقۇشقا ۋە تەھلىل قىلىشقا ۋاقتىم ۋە بىلىمىم يىتەرلىك ئەمەس. شۇڭا باشقا تور بەتتىكى تەشۋىق قىلغان بىر قىسىم سۆزلەرنىلام كۆردۈم. شۇنىڭدىن بىر مەسىلىنى سىلەردىن سوراپ باققىم كەلدى. ئۇلار «ھەدىسنى ئىنكار قىلىپ سۈننەتكە قارشى چىقىپ قۇرئاننى ئۆز رايى بويىنچە مەنا بىرىپ خاتا پەتىۋالارنى پىىچىپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن» دەپ تەشۋىق قىلىپتۇ»
قېرىندىشىم! بىز تور بېتىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى، تور بېتىمىزدە نېمە دەپ يازغان بولساق، ئۇنى نېمىشقا يازغانلىقىزنىمۇ بىرلىكتە يازدۇق. بىزنىڭ يازغانلىرىمىز مانا ئوتتۇرىدا. بىز بۇ ئىشنى بىرقانچە تىلدا قىلىۋاتىمىز. دۇنيانىڭ قانداق يېرىدىن بولسا بولسۇن تېخى بىر «ئوغۇل بالا» چىقىپ، «ماۋۇ ئايەتكە بىلەن ماۋۇ ھەدىسكە خاتا مەنا ئېيتىپسىلەر. بۇ مەنا ئايەتلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىگە ياكى ئايەتلەرنىڭ پۈتۈنلۈكىگە خىلاپ، سەۋەبى ماۋۇ» دېگەن شەكىلدە بىزگە ئىلمىي رەددىيە بېرىپ باققىنى يوق. بىز ساقلاۋاتىمىز، قېنى بېرىپ باقسۇن.
ئەپسۇس! «رەددىيە» بەرگەنلەر مەككە مۇشرىكلىرىغا ئوخشاش «سىلەر ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىغا خىلاپ گەپ قىلىۋاتىسىلەر. سىلەر پالانى زاتتىنمۇ چوڭ موللىمۇ، پۇستانى شەيختىنمۇ كاتتىمۇ» دېگەن شەكىلدە بولدى.
ھازىرقى «چۈجە خوراز» لارمۇ: «سىلەرنىڭ پەتىۋايىڭلار پالانى زاتنىڭ رەئيىگە، پوكۇنى ئۇستازنىڭ پەتىۋالىرىغا ئوخشىمايدىكەن. سىلەر ئۇزاتلاردىنمۇ چوڭ موللىمۇ؟» دەپ «لوقما» سېلىشتى. بۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى، كىچىك بالىلارنىڭ كوچىلاردا ئويناۋېتىپ بىرـ بىرىگە: «مېنىڭ دادام سېنىڭ داداڭنى ئۇرۇۋېتىدۇ، مېنىڭ ئاكام سېنىڭ ئاكاڭدىن چوڭ» دېگەن دەك «پوپوزا» لىرىغا ئوخشايدۇ.
شۇ بىر ھەقىقەتكى: بىزنىڭ تور بېتىمىز بولغان مۇسۇلمانلار تورىدىن قانداقلا بىر ئەسەرنى ئوقۇغان بىر ئەقىل ئىگىسى، ئۇلارنىڭ نە قەدەر يالغانچى ۋە  نە قەدەر بوھتانچى «مەخلۇقاتلار» ئىكەنلىكىگە قانائەت قىلىدۇ.
شۇنى كەسكىن قىلىپ ئېيتىمەنكى: مۇسۇلمانلار تورىنىڭ ئۆلىمالىرى مەسىلىنى، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرى يازىدۇ. تارىخ بويىچە ئۆتكەن ئىسلام ئۆلىمالىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇستازلىرى دەپ قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلىملىرىدىن پايدىلىنىدۇ، لېكىن دىنغا ئۇ ئۆلىمالارنىڭ شەخسىي كۆزقاراشلىرىنى ئەمەس، ئايەت ـ ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ! مۇسۇلمانلار تورىدىكى پۈتكۈل ئەسەرلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
بۇرادەر! مۇسۇلمانلار تورى قۇرۇلغىلى يەتتە يىل بولدى. بۇ توردا بۇ يەتتە يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئەسەر، نۇرغۇنلىغان ماقالە، مىڭلارچە پەتىۋا ۋە يازمىلار نەشىر قىلىندى. بەزى تورداشلىرىمىز بو توردىكى بەزى ئەسەرلەرنى ئېلىپ باشقا تورلارغا يوللىدى. ئۇ ئەسەرلەرنىڭ مۇسۇلمانلار تورىدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، مۇسۇلمانلار تورىنىڭ قانداق تور ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆلىمالىرىنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى يەنىلا بىلەلمىگەن تورداشلىرىمىزغا مېنىڭ دەيدىغان بىر سۆزۈم يوق.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر