مۇسۇلمانلار

سىنئالغۇغا تارتۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مۇھىم يىغىلىشلارنى ىشقا بولامدۇ؟

سوئال:

توي ـ تۆكۇنلەرنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مۇھىم يىغىلىشلارنى سىنئالغۇغا تارتسا بولامدۇ؟

جاۋاب:

بولىدۇ. چۈنكى بۇ بىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى تەپسىلىي شەكىلدە ئېسىدە ساقلىۋېلىپ ياكى تەپسىلىي شەكىلدە يېزىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇنى ئەسلەش، ئۇ قەغەزنى ئوقۇپ ۋەقەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى ئۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز قالغانلارنىڭ قۇلىقىغا ئۇ ۋەقەنى تەپسىلىي دەپ بېرىش ۋە قەغەزدىكىنى ئوقۇپ بېرىش توغرا ئىشتۇر.

خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر يەردە بولغان بىر ۋەقەنى سىنئالغۇغا تارتىۋېلىپ ياكى رەسىمگە تارتىۋېلىپ كېيىنچە ئۇنى كۆرۈش ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىش توغرا ئىشتۇر. بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى قۇلاققا، بىرى كۆزگە خىتاپ قىلىدۇ. نەتىجىدە قارشى تەرەپ ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولىدۇ.

كۈنىمىزدە تېلېۋىزورلاردا خەۋەرلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: پالانى دۆلەتنىڭ رەئىسى پالانى دۆلەتكە باردى دېگەن خەۋەر سۆزلىنىش بىلەن بىللە ئۇ رەئىسنىڭ شۇ دۆلەتكە بارغانلىقى ئېكرانغا چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭدەك پۈتۈن خەۋەرلەر كۆز بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بىر شەكىلدە بېرىلىدۇ. بۇ خەۋەرلەرنى بەرگەنلەر بۇ ئىشلارنى بىز ياراتتۇق دەپ دەۋا قىلمايدۇ، كۆرگەنلەرمۇ ئۇنداق بىر تەسەۋۋۇردا بولمايدۇ.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلقى ئۈچۈن بۇ ئىشقا «بولمايدۇ، ھارام» دەپ ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدەك يارىتىش مۇددىئاسى بىلەن رەسىم سىزىشتىن مەنئى قىلىدىغان ھەدىسلەرنى سىنئالغۇغا تارتىشنىڭ ۋە فوتو ئاپپارات بىلەن رەسىمگە تارتىشنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل كەلتۈرۈش تولىمۇ جاھىللىقتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر