ئۆتنە ئالغان بۇغداينىڭ پۇلىنى قايسى شەكىلدە تۆلەيمەن؟
باش بەت > ئۇنىۋېرسال > مۇئامىلە > پەتىۋالار تارىخ: 24.07.2009 يازدۇرغىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن قوشنامدىن ئۇتكەن يىل بىر خالتا بۇغداي ئوتنە ئالغان ئدىم بۇيىل قايتۇرا ي دىسەم پۇل بەرسىڭىز مۇ بۇلىدۇ دىدى مەن ئەمدى ئۇ پۇلنى بۇيلقى نەرقىدە بىرەم دىم ياكى شۇ ۋاقىتتىكى نەرقىدە بىرەمدىم

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

سىز بۇغداينى تۆلەيدىغان كۈنكى باھادا پۇل بېرىسىز. چۈنكى سىزنىڭ ئەسلىدە ئۇ كىشىگە بىر خالتا بۇغداي قەرزىڭىز بار، شۇنداققۇ؟ سىز ئۇنىڭغا شۇ بىر خالتا بۇغداينى بەرسىڭىز، قەرزىڭىزنى تۆلىگەن بولىسىز.

ئەمما ئۇ كىشى سىزگە بۇغداينىڭ پۇلىنى بېرەىڭ دەپتۇ. بۇ، يەنى بۇغداي ئىگىسىنىڭ سىزگە بۇغدىيىمنىڭ پۇلىنى بېرىڭ دېگىنى، ماڭا سىز ھازىر تۆلىمەكچى بولغان بۇغداينىڭ پۇلىنى بېرىڭ دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆز، سىز ماڭا تۆلىمەكچى بولغان بۇغداي بۈگۈن قانچە پۇلغا يارىسا ماڭا شۇ پۇلنى بېرىڭ، دېگەن بولىدۇ.

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
12.579 قېتىم ئوقۇلدى